مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىرازىلىيەلىك ئالىم ماقالە يېزىپ ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار سۇيىقەستىگە رەددىيە بەردى

2021.04.29 18:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرازىلىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئالىمى سۇئېلى ۋاسكونسېلۇس يېقىندا شۇ جايدىكى تاراتقۇ «مىناس ئىشتاتى گېزىتى»دە «ساختىلىق ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي: جۇڭگو ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە» دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگوغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان نىقاب ئىكەنلىكىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

  ۋاسكونسېلۇس ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگونى ئەيىبلىشىدىكى تۈپ سەۋەب بۈگۈنكى دۇنيا ھوقۇق مەركىزىنىڭ يۆتكىلىشىگە دۇچ كەلمەكتە، ئامېرىكا ھوقۇقتىن مەھرۇم قېلىشنى خالىمايدۇ. «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بارلىق ھېسداشلىقىنىڭ ئەمەلىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان نىقاب ئىكەنلىكىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».

  ۋاسكونسېلۇس مۇنداق دېدى: ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئۇزاقتىن بۇيان مۇسۇلمانلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باشقا ئاممىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونى ئىنسانىي ھوقۇققا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا «دەخلى-تەرۇز قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقنى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە، ئامېرىكا «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»نى باھانە قىلىپ، ئابگلېب تۈرمىسىدە ئىراق مەھبۇسلىرىنى خورلاپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراق مەھبۇسلىرىنى قاتتىق جازالاش، ھاقارەتلەش قاتارلىق ئەسەبىي سوراق قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلدى، غەرب دۇنياسى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلدى.

  ۋاسكونسېلۇس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ چوڭ دۆلەتلەر جۇڭگونى ئەيىبلىگەن چاغدا، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدا يۈز بېرىۋاتقان تىراگېدىيەنى كۆرمەسكە سېلىپ، كۆچمەن ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي ئايرىۋەتتى، بالىلىرى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئايرىۋېتىلدى، ھەتتا قاماپ قويۇلدى، بۇ خىل ئۇسۇل «نېمىدېگەن ياسالمىلىق»!

  بىرازىلىيەلىك بۇ ئالىم مۇنداق قارىدى: بىر دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سىياسىتى ۋە تاشقى ئىستراتېگىيەسى مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد، تىل ۋە ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەك، كەمسىتىش قىلمىشىنى قوللاشقا ياكى قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ