مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قازاقىستاننىڭ 1- مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى: شىنجاڭ مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا تەۋە

2021.04.02 14:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 31- مارت، قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 1- مۇئاۋىن مىنىستىرى نۇرشېف قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى «قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى»دە مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭدىكى قازاق پۇقرالارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا تەۋە، قازاقىستان تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى دۆلەتلەر «قەرز توزىقى نەزەرىيەسى» ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قارا چاپلىدى، نۇرشېف بۇ قاراشنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئۈستىدە توختالغاندا، نۇرشېف مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، 150 نەچچە دۆلەت ۋە 90 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان، بۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ھەرقايسى قاتناشقۇچى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ دەلىلى. نۇرشېف مۇنداق قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى توختاپ قالمىدى، بۇ تەشەببۇسنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، بۇ، ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ۋە سانائەت كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئىلغار تېخنىكىنى جەلپ قىلىشقا ۋە ئىش ئورنى يارىتىشقا پايدىلىق.

  نۇرشېف مۇنداق دەپ قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدىكى ھەر بىر كونكرېت تۈرگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن كېلىپ چىققان قەرزنى تۈرنى يولغا قويغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئاتالمىش مەلۇم دۆلەتكە قارىتىلغان «قەرز توزىقى»نى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. نۇرشېف قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگو كەلگۈسىدە مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدۇ، ھەم قىزىق نۇقتىلىق قارالمىلار توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ