مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«14 - بەش يىل»دا تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئايال كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك

2021.04.30 09:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - يېزا ئاياللىرى ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بويىچە ئىلغار شەخس (كوللېكتىپ)لەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى

  «14 - بەش يىل»دا تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئايال كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك

  4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى سەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئاياللارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون شەھەر - يېزا ئاياللىرى ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بويىچە ئىلغار شەخس(كوللېكتىپ)لەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايون بويىچە ئاياللار مەدەنىيلىك ئىش ئورنىدىن 100ى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاياللار تۆھپە يارىتىش ئۈلگىسىدىن 100ى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاياللار تۆھپە يارىتىش ئىلغار كوللېكتىپىدىن 60ى تەقدىرلەندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئاياللار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي توغرا يۆنىلىش ۋە غايە - نىشانغا قاراپ سىجىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «14 - بەش يىل»دا تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئايال كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، بۇرچنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىش كېرەك. يول ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ۋارىسلىق قىلىپ، قالتىس ھۈنەرۋەن بولۇش روھىغا ئىنتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى جەمئىيەت تۇرمۇشى ۋە ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتىكى ئاياللار كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ