مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 119 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

2021.04.30 09:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 119 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يېزا تاشيولى «يول باشلىقى تۈزۈمى»نى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تور ۋە تور سىرتى، شىنجاڭ ئىچى ۋە شىنجاڭ سىرتى، دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش خىزمىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايون ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك. سېتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازارلىرى، سودا ساراي، تاللا بازارلار ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالدىن ئىبارەت ئىككى ئۇچقا قاراپ ئۇزىراپ تىجارەت زەنجىرى ھاسىل قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ، پارچە سېتىش بازارلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش» «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاللا بازارلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش» «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش»نى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن پائال، ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەنزىرە رايونلىرى، تاللا بازارلار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى، تۈرلۈك مۇلازىمەت رايونلىرىغا كىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش، پارچە سېتىش سۇپىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سېتىش، تونۇشتۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنىڭ راۋان بولۇشى، سېتىلىش باھاسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە دېھقانلار ئاممىسىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر كەسپى كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە بولىدۇ. خەۋەرلىشىش كەسپى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپى، ئالاقە تورى ئىقتىسادىنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇچۇر كەسپى ئېكولوگىيەسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتەكچى قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ماتېرىياللىرى كەسپىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كەسپىنى زورايتىپ، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن بىر گەۋدىلەشكەن ئۇچۇر كەسپىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇھىت قوغدايدىغان تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا قوللىنىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدار، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا بازارنى پائال ئېچىپ، رەقەملىك يىپەك يولى يادرولۇق تۈگۈنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا تاشيولى «يول باشلىقى تۈزۈمى»نى ئالغا سىلجىتىش، يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت يوللىرىنى قاپلىغان «يول باشلىقى تۈزۈمى» تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھوقۇق - مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولغان يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، يېزا تاشيولى يول تورى قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. يېزا تاشيوللىرىدا قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ يول رايونى مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېزا تاشيوللىرىنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزا قاتناش - تىرانسپورتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا تاشيوللىرىدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا تاشيولى لىنىيەسى بويىدىكى ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، راۋان، بىخەتەر، ئازادە، گۈزەل قاتناش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ