مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەرقانداق سۇيىقەستلەر شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!

شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپى (گۇرۇھى) قەشقەر پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى قەيسەر ئىمام

2021.04.07 11:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىقنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىسىنى رەت قىلدى. ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىم ۋە ئىناق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى پۈتۈنلەي خام خىيال!

  مەن شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپى (گۇرۇھى) قەشقەر پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولىمەن، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىمەن!

  شىنجاڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە، كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدۇ، كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ۋاقتى ئۇزۇن، ھەم مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ھەم ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، %50تىن ئارتۇق دېھقان كېۋەز تېرىيدۇ، پاختا شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندى.

  شىركىتىمىزدە ھازىر 68 ئىشچى-خىزمەتچى بار، بىز ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىمىز، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز، بىز بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمىز، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىمىز، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدۇ. ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى دۆلەت قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. شىركەت ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر خىل تىل يېزىقنى ئەركىن تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تۈرلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى، يەنە دائىم مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتتى، ھېيت-بايراملاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى، چاي- زىياپەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى.

  بىز پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەر، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسىدۇر. ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولسا ئۆزىنىڭ ئىككى قولى بىلەن يارىتىلغان ۋە كۈرەش قىلىنغان، شىنجاڭنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق تەمىنات زەنجىرىدە ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر، سىلەر يالغان گەپلەرنى توقۇپ كىشىلەرنى ئالدىماڭلار، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ پاختىچىلىق كەسپىگە بېسىم ئىشلەتمەڭلار.

  بىز كىشىلەرگە شۇنى دېمەكچىمىزكى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ كۆزى ئۆتكۈر، ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋالار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ھەرقانداق سۇيىقەستلەر شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ