مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %5.0 بولدى، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئۆلچەم 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ

2021.04.06 12:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى رايون بويىچە تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەمگەكچىلەر ئۆزى تاپشۇرغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (قىسقارتىلىپ "ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند" دېيىلىدۇ». تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تۆت دەرىجە بولسا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1900 يۈەن، 1700 يۈەن، 1620 يۈەن، 1540 يۈەن بولىدۇ؛ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ھەر ئايدا 21.75 كۈن، ھەر كۈنى سەككىز سائەت بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىگە كەلسەك، ئۇ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تۆت دەرىجە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19 يۈەن، 17 يۈەن، 16.2 يۈەن، 15.4 يۈەن بولۇپ (ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك "ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند"نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

  ئۈرۈمچى شەھىرى 2- دەرىجىگە تەۋە، يەنى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1700 يۈەن، سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 17.0 يۈەن.

  1995- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەڭ تۆۋەن مائاش كاپالىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تەستىقلىدى ھەمدە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى 13 قېتىم تەڭشىدى، بۇ يىلقىسى 14- قېتىم تەڭشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ 3- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋە زور تەدبىر ھېسابلىنىدۇ؛ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىناق ۋە مۇقىم ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى فەن خەيپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى تەڭشەشتە، تەڭشەشنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن قارىغاندا، 4- دەرىجىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %5.5 بولۇپ، 1- دەرىجىنىڭ %4.3 لىك ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى. بۇ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ جاپالىق رايونلار ۋە بىرىنچى سەپكە مايىللىشىش تەلىپىنى نامايان قىلدى. ئېلان قىلىنغان شەھەرلەردىن قارىغاندا، دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قاراشلىق باشئەگىم شەھىرى، كۆكدالا شەھىرى، قوشئۆگۈز شەھىرى، توغراق دەرياسى شەھىرى، بېيتۈن شەھىرى، كۇنيۈ شەھىرى، شىنشىڭ شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر قوشنا ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمى تېزلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىش دائىرىسى 95 ناھىيە ۋە شەھەرگە كېڭەيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ