مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى تېپىپ چىقتى»

2021.04.02 19:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، جۇڭگو شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى.» 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە يۈكسەك باھا بەردى.

  «شىنجاڭ ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش، قانۇن تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ياردەم بېرىش-يۆلەش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى.» نېپالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماخېندرا باھادۇر پاندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيادا تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ كەسكىن خىرىسى ئالدىدا، ھەرقانداق دۆلەت چەتتە قاراپ تۇرۇشقا، ئۆزىنىلا ئويلاشقا ئامالسىز. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئاندىن تېررورىزم، ئەسەبىزمنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئەمىنلىكىنى قوغدىيالايدۇ.

  «تېررورىزم، ئەسەبىزم بۈگۈنكى دۇنيادىكى بىر چوڭ ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.» ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەت كېشاۋارززاد «تېررورىزم»نى «ۋىرۇس»قا ئوخشىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمدىن ئىبارەت بۇ «ۋىرۇس»لارغا ئورتاق زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  «ئۇ ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن كەمسىتىشكە ئۇچرىمىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، تەربىيە بېرىپ، ئۇنى بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.» مالدىۋېنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىسى سوباخ رەشىد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى دەل جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشەببۇسى ۋە ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. تەلىم-تەربىيە خىزمىتى ھەرگىزمۇ جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان، مەھرۇم قىلىدىغان تەدبىر ئەمەس، بەلكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان قانۇن بويىچە قوللانغان مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرى. بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ