مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۆۋەنكى مۈچە سۇلۇق ئىششىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش بۆرەكتىكى مەسىلىدىن بولۇشى مۇمكىن

2021.04.30 11:11 مەنبە: تىيانشان تورى

  3-ئاينىڭ 11-كۈنى—— 16-قېتىملىق دۇنيا بۆرەك كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بۆرەك كېسىلى مەركىزى «بۆرەك كېسىلىگە پائال يۈزلىنىپ، ساغلام ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. كىشىلەر دائىم سەل قارايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىگە قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر بىر تەرەپتىن كېسەل كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ باردى.

  ئىگىلىنىشىچە، گەرچە تەخمىنەن 10 ئادەمنىڭ بىرى بۆرەك كېسىلى بولۇپ، مېيىپ بولۇش، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، لېكىن بۆرەك كېسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن، بۆرەكنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە تېخىمۇ ھۆكۈم قىلالمايدىكەن، بۇلارمۇ ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىگە ئاسانلا سەل قاراشنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىكەن.

  بۆرەك ئادەم بەدىنىنى تازىلىغۇچى بولۇپ، كېرەكسىز ماددىلارنى، ئارتۇق سۇ تەركىبىنى چىقىرىپ تاشلاشتىن باشقا، يەنە قان بېسىمىنى تەڭشەپ، قان ئىشلەشنى كونترول قىلىپ، ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى سۇ، توك، كىسلاتا، ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم ئەزا. ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ئاخىرىغا بارغاندا ئادەتتە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، ياكى يۈرەك قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىكلىرىگە تەرەققىي قىلىپ، تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەھدىت سالىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سۈيدۈكتە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈش، كۆز قاپىقى، پۇتى سۇلۇق ئىششىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قان ئازلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈيدۈك دائىملىق تەكشۈرتۈشى، بۆرەك ئىقتىدارى، بۆرەك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قاتارلىق ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرۇپ، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ بۆرەك كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش كېرەك ئىكەن.

  دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ۋە بۆرەك كېسىلى تارىخى بار خەتەرلىك كىشىلەر قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، كېسەلنى ئىلمىي باشقۇرۇشى؛ پات-پات سۇ ئىچىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىشى، سۈيدۈكنى قىسىۋالماسلىقى؛ ساغلام ئوزۇقلىنىش، تۇز ۋە ياغ مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى، دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى؛ چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشى؛ دەم ئېلىشى تەرتىپلىك بولۇشى، تۈنىمەسلىكى، ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى؛ سۈيدۈكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، بۆرەك ئىقتىدارى ۋە بۆرەك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قاتارلىقلاردا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ