مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەھەر باشقۇرۇشتا ئاددىي، قوپال بولۇشتىن ساقلىنىش لازىم

2021.04.29 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، توردىكى بىر كۆرۈنۈش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى: خۇنەن ئۆلكىسى خەنشوۋ ناھىيەسى يوۋگاڭ بازىرىدىكى بىر كەنتنىڭ يول بويىدىكى كۆچمە تىجارەتچىلەر قاتناشقا تەسىر يەتكۈزگەن، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلىپ توسۇشى ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش-سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىنى ئىشقا سېلىپ، كۆچمە تىجارەتچىلەرنى ھەيدىگەن.

  بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ يايما ئېچىشنى چەكلەشنىڭ مەقسىتى ياخشى. لېكىن، سۇ چېچىش ماشىنىسىنى ئىشقا سېلىپ، سودىگەرلەرنى قوغلاش ئۇسۇلى ھەقىقەتەن كىشىگە ئادەمگەرچىلىك پۇرىقىنىڭ ئازلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىنىڭ ئەسلىدە يولنى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى دېمەي تۇرايلى، ھېچنېمىدىن تەپ تارتماي سۇنى پىيادىلەرگە چېچىشنىڭ ئۆزى بىر خىل مەدەنىيەتسىز قىلمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇ چېچىپ ھەيدەشنىڭ تىجارەتچىلەرنىڭ يايما ئېچىشىنى ئۇزاق مۇددەت توسۇش، قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىگە يېتىش-يېتەلمەسلىكىگىمۇ بىر نەرسە دېمەك تەس.

  ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ئاھالىلەر، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇلتۇر مۇشۇنداق ۋەقەلەرنى توسقانلىقىنى، «بۇ يىل قانچىنچى قېتىملىقى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقى»نى ئېيتتى. كۆچمە تىجارەتچىلەر مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىر-ئىككى كۈندىن بۇيانقى ئىش ئەمەس، شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى كۆچمە تىجارەتچىلەر مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلغىلى بولمىغانلىقى شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ، شۇنداقلا باشقا يەرلىك تارماقلارنىڭ ئۆزىنى تەتبىقلاپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئويلاپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

  شەھەر باشقۇرۇشتىكى ھەر بىر ئەسلىھە، ھەر بىر تەپسىلات خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قانداق قىلىپ ئاممىنىڭ تەسىراتىنى چىقىش قىلىپ پۇقرالارنىڭ تەسىراتىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا كۆپ تەرەپتىن ئېتىبار بېرىپ، باشقۇرۇشنى مۇلازىمەتكە سىڭدۈرۈش − ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئويلىنىشقا ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك رېئال مەسىلە. كۆچمە تىجارەتچىلەرنىڭ يايما يېيىش، يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىشىنى تۈزەشنى مىسالغا ئالساق، بەزى جايلار مەجبۇرىي توسۇشنى كۆڭۈل قويۇپ تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، بىر تەرەپتىن تىجارەتچىلەرگە مەركەزلىك يايما ئېچىش ئورنى ۋە يايما ئېچىش ۋاقتىنى ئايرىپ بەردى، يەنە بىر تەرەپتىن ئالاقىدار خادىملارنى قاتناش تەرتىپىنى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇنداق بولغاندا ھەم شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ يېقىن ئەتراپتىن كۆكتات سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، ھەم دېھقانلارنىڭ كۆكتات سېتىپ پۇل تېپىشىنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن يول بىلەن تەمىنلىدى. ئىناق، گۈزەل ئىنسانىي دۇنيانىڭ تۇرمۇش پۇرىقى پۇقرالارغا ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ ئىللىقلىقى، سەمىمىيىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى.

  ئاددىي، قوپاللىق ئازراق بولۇپ، ئىنچىكە، ئەپچىللىك كۆپرەك بولسا، شەھەر باشقۇرۇش كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جانلىق، كەڭ پىكىر يولى، مەدەنىي، كۆپ خىل ئۇسۇلغا موھتاج بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ماسلاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئىنچىكە مەسىلىلەرنى تېخىمۇ تولۇقراق ئويلاپ، ئالاقىدار لايىھەلەرنى تېخىمۇ پۇختا تۈزۈپ، مېخانىكىلىق، قارىغۇلارچە تاقابىل تۇرۇشنى ئازايتىشىغا موھتاج. شۇنداق بولغاندا، شەھەر باشقۇرۇش ھەر بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەندە، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى بىر ئۈلۈش ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ