مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئاۋىياماتكىمىزنىڭ بېكىنىۋېلىش كېسىلى يوق، چوقۇم يىراققا سەپەر قىلىش نورمال ھالىتى بولىدۇ»

2021.04.29 18:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن داشياۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىر: ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لياۋنىڭ ئاۋىياماتكا ئەترىتى يېقىندا تەيۋەننىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە مەشىق قىلدى، مەشىق ئەھۋالىنى يەنىمۇ تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز. ئاۋىياماتكا ئەترىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەشىق پائالىيەتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن دائىملىق تەشكىللىنەمدۇ؟

  ۋۇ چيەن: جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ لياۋنىڭ ئاۋىياماتكا ئەترىتى يېقىندا تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئالاقىدار دېڭىز تەۋەلىكىدە دائىملىق مەشىق ئېلىپ باردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت قورال-جابدۇقلارنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ، قىسىمنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىككىنچى مەسىلە توغرىسىدا، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئاۋىياماتكىمىزنىڭ بېكىنىۋېلىش كېسىلى يوق، چوقۇم يىراققا سەپەر قىلىش نورمال ھالىتى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ