مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىزىق لىنىيە ئاممىنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتۇپ قويمىسۇن

2021.04.29 18:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر شەھەر ئاھالىسى خېنەن شىنشياڭ شەھىرىنىڭ 12345 قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئارتۇق ھەق ئېلىش مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلغاندا، تېلېفونىستنىڭ سۆزى مۇۋاپىق بولمىغان بولۇپ، بۇ ۋەقە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. نۆۋەتتە، بۇ يەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ۋە بېجىرگۈچىسى تېلېفون قىلغان شەھەر ئاھالىسىدىن نەق مەيداندا ئەپۇ سورىدى ھەم دوختۇرخانا ئارتۇق ئالغان ھەقنى قايتۇرۇپ بەردى، بۇ تېلېفونىستقا مۇناسىپ چارە كۆرۈلدى.

  جايلاردىكى 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن بولۇپ مەسىلە، تەكلىپلەرنى ئىنكاس قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرى بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ «قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك»لىك رولىنى جارى قىلدۇردى. ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى تور بېكىتى قاتارلىق باشقا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت يوللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ياردەم تەلەپ قىلىشنىڭ قولايلىقلىقى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ يېتەرلىكلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇمۇ جايلاردىكى قىزىق لىنىيەلەرنىڭ ئۇزاققىچە قىزىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

  ۋاھالەنكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى جايلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەلىرىنىڭ «ئىسسىق-سوغۇقلۇق» ئەھۋالى تەكشى ئەمەس، ئاممىنىڭ پىكرى بىر قەدەر كۆپ. بەزى جايلاردا قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون ساقلاش ۋاقتى بەك ئۇزاق، تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن ئالىدىغان ئادەم چىقماسلىقتەك ئوڭايسىز ۋەزىيەت مەۋجۇت؛ بەزى جايلاردا قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون ئۇلانغان بولسىمۇ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك، ۋاقتىدا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. يېقىندا، شەندۇڭ لەيجوۋدىكى 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە سۇپىسى ئاممىنىڭ ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى ئورۇنغا تالون ئەۋەتكەن، لېكىن ھەر ئىككىسى ئۆز ئورنىنىڭ كەسپى ئەمەس دېگەننى باھانە قىلىپ، ئىككى قېتىم ئىش تالونىنى قايتۇرۇپ، بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ، ئاممىنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئۇزاققىچە ھەل قىلىنماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ، شۇ جاينىڭ «بىر قەدەم ئالدىغا مېڭىپ گىرەلىشىپ كەتسەك مەيلى، بىر قەدەم چېكىنىپ بوشلۇق قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ» دەيدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تەلىپى بىلەن ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى.

  نېمە ئۈچۈن بەزى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئاممىنىڭ قەلبىنى سوۋۇتۇپ قويۇۋاتىدۇ؟ بۇنىڭدا ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئاممىنىڭ دەۋا تەلەپلىرىگە قارىتا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش قاتارلىق مەمۇرىيەتتە ھۇرۇنلۇق قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىمۇ بار. بەزى جايلاردا تېلېفونىستلار ئاددىي تەربىيەلەنگەندىن كېيىنلا ئالدىراپ-تېنەپ ئىش ئورنىغا چىقىرىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش، قانۇن-سىياسەت، ئىش بېجىرىش تەرتىپى، كەيپىياتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق كەسپىي بىلىمى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. ئامما باش قاتۇرىدىغان، بىئارام بولىدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا، قىزىق لىنىيەگە تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسا، ئەگەر تېلېفونىست سەۋرچانلىق بىلەن قوبۇل قىلالمىسا، ئۈنۈملۈك كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، ئاممىنى غەم-ئەندىشىدىن، ھەتتا نارازىلىق كەيپىياتىدىن خالاس قىلالمىسا، مەسىلە كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

  «12345، ئىش بولسا ھۆكۈمەتنى ئىزدەڭ.» ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» باش تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى ئىزچىل قىزىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ