مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز زامانىۋى يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى تېزدىن بەرپا قىلىدۇ

2021.04.29 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلىمىز ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، ھوقۇق بېرىش، ھوقۇقنى جانلىق يۈرگۈزۈشنى چۆرىدەپ، زامانىۋى يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى تېز بەرپا قىلىدۇ.

  بۇنى مۇخبىر 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ھەم يېزا ئىگىلىكى، يېزا سىياسىتى ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.

  مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى تاڭ رېنجيەن يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارقىلىق كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ۋە چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە دېھقانلارغا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھوقۇق-فۇنكسىيەلەرنى بېرىش بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈشى، ئامىللارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. تەۋەلىكى ئېنىق، ھوقۇق-فۇنكسىيەسى مۇكەممەل، قوغدىشى قاتتىق، ئوبوروتى راۋان زامانىۋى يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، ھوقۇق بېرىش، ھوقۇقنى جانلىق يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆزنى نۇقتىلىق ياخشى ئىگىلەش كېرەك:

  ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش − يېزا ئۆيلۈك يېرى ۋە قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىشنى تىزىملاشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈرىدە شەكىللەنگەن مۈلۈكنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىشنى تىزىملاشنى تېزلىتىش كېرەك.

  ھوقۇق بېرىش − يېزا كوللېكتىپ مۈلكىگە قارىتا، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۆز پېيىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىگىلەش، مەنپەئەتلىنىش، ھەقلىق چېكىنىپ چىقىش ۋە رەنە، كېپىللىك، ۋارىسلىق ھوقۇقى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ھوقۇق فۇنكسىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك.

  ھوقۇقنى جانلىق يۈرگۈزۈش − يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۈلۈك ھوقۇقى سودا بازىرى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا ئوبوروتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ياخشىلاش كېرەك.

  بۇ يىللىق يېزا ئىسلاھاتىدىكى قاتتىق ۋەزىپىلەرنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؟ تاڭ رېنجيەن مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ باسقۇچلۇق ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش كېرەك. جايلار ئەزالارنى بېكىتىش، گۇۋاھنامە تارقىتىش، باج-سېلىق كودىنى تىزىملاش، مۈلۈك باشقۇرۇش، ماتېرىياللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش، خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە، سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ يىل يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2-نۆۋەتلىك ھۆددە مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىنىقىنى پۇختا، ئېھتىيات بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بۇلتۇر يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى 16 ئۆلكە، 20 ناھىيەدە كەنت-گۇرۇپپا بىرلىك قىلىنغان 2-قېتىملىق ھۆددە مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىنىقىنى قانات يايدۇردى، بۇ يىل يەنە سىناق دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، شارائىتى بار رايونلاردا يېزا-بازارلارنى تەرتىپكە سېلىش سىنىقىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ