مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاۋ لىجيەن قايتۇرما سۇئال قويۇپ، ياپونىيە تەرەپ يامان ئىش قىلىپ تۇرۇپ يەنە باشقىلارنى دېگىلى قويمامدۇ؟ دېدى

2021.04.29 14:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيەنىڭ يادرو كېرەكسىز سۈيى مەسىلىسىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ئىككى پارچە رەسىمنى كۆرگەزمە قىلدى. ئۇ ئىككى پارچە رەسىمنىڭ بىرى، ياپونىيەلىك رەسسام كاتسۇشىكا خوكۇسەينىڭ ئەسلىي ئەسىرى، يەنە بىرى جۇڭگو قىستۇرما رەسىم رەسسامىنىڭ ھەجۋە ئەسىرى بولۇپ، ئۇ رەسىمگە يەنە قوشۇمچە قىلىنغان بىر پىكىرمۇ يېزىلغان: ئەگەر ئەسلىي ئاپتور تېخى ھايات بولغان بولسىدى، ئۇمۇ ياپونىيەنىڭ يادرو كېرەكسىز سۈيى مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن بولاتتى. ئارقىدىنلا ياپونىيە تەرەپ بۇ ئىش توغرىسىدا جاۋ لىجيەندىن بۇ تېمىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى ھەمدە كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، جاۋ لىجيەن 28- چېسلا مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى ئەسەر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا دېڭىزغا قويۇۋېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق فۇكۇشىما يادرو بۇلغىمىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى توغرىسىدىكى بۇ ئىشقا ئەندىشىسى ۋە نارازىلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇ ئىشتا ئالدى بىلەن ياپونىيە خاتا قارارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئاندىن بىز ئېتىرازىمىزنى بىلدۈردۇق. ياپونىيە تەرەپ يامان ئىش قىلىپ تۇرۇپ يەنە باشقىلارنى دېگىلى قويمامدۇ؟ ياپونىيە تەرەپنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ئىزچىل ھالدا گاس-گاچا قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئىدىغۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر پارچە قىستۇرما رەسىم ئەسەرگە ئاچچىقى كېلىدۇ؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ