مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئالغاندا يەنە يىللىق دەم ئېلىشقا بولامدۇ؟

سىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب كەلدى!

2021.04.07 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇغۇت دەم ئېلىشى ياكى ئىشتا يارىلىنىشنى داۋالىتىش سەۋەبلىك دەم ئالغاندا، شۇ يىلى يەنە يىللىق دەم ئېلىشقا بولامدۇ؟

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەھكىمىسى:

  «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى» (ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 1-نومۇرلۇق پەرمانى 2008-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى يولغا قويۇلغان) دە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەنگەن: ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇدا خىزمەت قىلغىنىغا 12 ئايدىن ئاشقانلار مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم دەم ئېلىشى، تۇغۇت دەم ئېلىشى قاتارلىق دۆلەت بەلگىلىگەن دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش ۋاقتى يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا ھېسابلانمايدۇ.

  شۇڭا، مائاشلىق دەم ئېلىش شەرتىنى ھازىرلىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مەزگىلى يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا ھېسابلانمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ