مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇڭگوسىزلاشتۇرۇلغان» مەسىلە بار دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈردى

شىنجاڭدا مائارىپ سىستېمىسىدا دۆلەتنى پارچىلايدىغان ساتتار ساۋۇت باشچىلىقىدىكى جىنايەت گۇرۇھى بىتچىت قىلىندى

2021.04.07 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنى پارچىلايدىغان ساتتار ساۋۇت باشچىلىقىدىكى جىنايەتچىلەر گۇرۇھى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈپ، شىنجاڭدا 25 مىليون پارچىدىن ئارتۇق بېسىپ تارقىتىپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 2 مىليون 320 مىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە نەچچە ئون مىڭ مائارىپ خىزمەتچىسىگە يۈزلەندۈرۈپ، 13 يىل ئىشلىتىپ، ئىنتايىن ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان. 6-ئاپرېل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ جىنايەت گۇرۇھىنىڭ دېلو ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى.

  ساتتار ساۋۇت 1947-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاساسىي مائارىپ دەرسلىك ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ لاڭتاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2002-يىلىدىن باشلاپ، ساتتار ساۋۇت يۇقىرىقى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، دۆلەتنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلىپ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مىللىي يېزىقتىكى دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش، نەشر قىلىش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ قېتىم ئايرىم يول كۆرسىتىش ۋە يىغىن ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالىمجان مەمتىمىن (شۇ چاغدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولغان، جازا ھۆكۈم قىلىندى) قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى بار خادىملارنى مەخسۇس تاللاپ دەرسلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزگەن، يۇقىرىقى خادىملار دەرسلىك تۈزۈش جەريانىدا، ساتتار ساۋۇت باشچىلىقىدىكى دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەت گۇرۇھى تەدرىجىي شەكىللەنگەن.

  سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش ئارقىلىق ئېنىقلىشىچە، ساتتار ساۋۇت دەرسلىك تۈزۈش، نەشر قىلىش خىزمىتىنىڭ تەلىپىنى يەتكۈزگەندە، دەرسلىك تۈزۈشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە يېتەكچى ئىدىيەسىگە خىلاپلىق قىلىپ، «يەرلىك ئالاھىدىلىك، ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش»نى دەستەك قىلىپ، دەرسلىككە مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىن ئەسەبىيلىك قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تەرغىب قىلىدىغان مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈشنى كۈچەپ تەلەپ قىلىپ، «جۇڭگوسىزلاشتۇرۇش»تەك دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساتتار ساۋۇت دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن، كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، جەمئىي قىممىتى 15 مىليون 52 مىڭ 769.2 يۈەنگە يەتكەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى مەسىلە بار دەرسلىك ۋەقەسىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىن ئەسەبىيلىكى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلە بار تېكىست 84 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2003-يىلى 41 پارچە، 2009-يىلى 43 پارچە (بۇنىڭ ئىچىدە 22 پارچىسى 2003-يىلى نەشر قىلىنغان «مەسىلە بار دەرسلىك»تىن ئېلىنغان). بايقىلىشىچە، يۇقىرىقى دەرسلىكلەرنىڭ تەسىرىدە، ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى، مۇتەللىپ قۇربان (ھەممىسىگە جازا ھۆكۈم قىلىندى) قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدىكى «5-ئىيۇل» ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان؛ ئابلىز رېشىت (جازا ھۆكۈم قىلىندى) «30-ئاپرېل» ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان؛ ئاتىكەم روزى (جازا ھۆكۈم قىلىندى) مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختى باشچىلىقىدىكى دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەت گۇرۇھىغا قاتناشقان ھەمدە تايانچ بولۇپ قالغان.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ساتتار ساۋۇتقا دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى، پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن، بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازا بېرىپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى قارار قىلدى. سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئۇنىڭ تۈرلۈك دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىندى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ساتتار ساۋۇت جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىپ، نارازىلىق ئەرزى بەرمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ