خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- پەسىلدە يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان تىزىملاش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2021- يىلى 3- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى 378 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتوموبىل 287 مىليونغا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر 463 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر 425 مىليونغا يەتكەن. 2021- يىلى 1- پەسىلدە مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 9 مىليون 660 مىڭغا، يېڭىدىن كىنىشكا ئالغان شوپۇر 8 مىليون 390 مىڭغا يەتكەن.
1- پەسىلدە يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 9 مىليون 660 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليون 886 مىڭى كۆپىيىپ، %67.31 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئاپتوموبىل تىپىدىن قارىغاندا، يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان ئاپتوموبىل 7 مىليون 500 مىڭغا، يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان موتسىكلىت 2 مىليون 30 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %63.33 ۋە %88.63 ئاشقان. 3- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىل سانى بىر مىليوندىن ئاشقان شەھەر جەمئىي 72ى بار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بەشى ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتوموبىل 2 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەردىن 33ى ۋە 3 مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەردىن 16سى بار بولغان.
3- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى 248 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەخسىي نامى بىلەن تىزىملانغان كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (شەخسىي ئاپتوموبىل) 229 مىليونغا يەتتى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 5 مىليون 510 مىڭغا يەتتى، 1- پەسىلدە، 466 مىڭ ئاپتوموبىل يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىندى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش مىقدارى ئاپتوموبىلنى يېڭىدىن رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش مىقدارىنىڭ %6.21 ىنى ئىگىلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ