ئەزا تاڭ جياڭپېڭ يەسلى بالىلىرىغا نەرسە-كېرەك رەتلەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ساۋات چىقىرىشتىنمۇ مۇھىم، دېدى
2021.03.08 17:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى شىشەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ئەزا تاڭ جياڭپېڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ 2-مەيدان «ئەزالار يولى»دا مۇنداق دېدى: بالىلار باغچىسىدىكى بالىلاردا نەرسە-كېرەكلەرنى رەتلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۇلارنىڭ بالدۇر خەت تونۇشىدىن مۇھىم؛ بالىلارنى كۆپرەك كىتاب ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۇلارنىڭ ئوقۇش، چۈشىنىش سوئاللىرىنى ئىشلىشىدىن كۆپ ياخشى. چۈشتىن بۇرۇن ئولېمپىك ماتېماتىكىسى سىنىپى، چۈشتىن كېيىن چەت ئەل تىلى سىنىپىغا بارىدىغان، بىر ھەپتىدە يەتتە-سەككىز تەكرار سىنىپىغا قاتناشقان بالىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قىزىقىش يوقاپ، ئۆگىنىشىمۇ ناچارلىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ