مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوكومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.03.01 15:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگرامما لايىھەسى ھەمدە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى مۇزاكىرە قىلدى، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 26-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنىدىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسىنىڭ ئارگىنالى ھەمدە قاراپ چىقىشقا سۇنىدىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ ئارگىنالىنى مۇزاكىرە قىلدى، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «13-بەش يىل»دا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل ۋە ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈردى. بەش يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر غەلىبىلىك ئورۇندىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ياخشىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيتىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى. بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: «14-بەش يىل» بولسا، ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىنكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل. شۇڭا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىنى ئىلمىي ھاكدا تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويۇش بولسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «14-بەش يىل»دا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەشلىك، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرلىك يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېماقىلىش، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيەقىلىش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچقىلىش، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش سوبيېكىت قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشىنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگرامما لايىھەسىنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇش جەريانىدا، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ھەقىقىي ياخشى تۈزۈپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا يامرىماقتا، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپەيمەكتە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى يەنىلا پۇختا ئەمەس، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئىلمىي ۋە دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بولسا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ سىياسىتى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى ۋە ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت قوشۇنىنى تولۇق سەپلەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، مېڭىگە سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇنى قوللايدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش بۇرچ-ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ