مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2021.02.24 19:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق زىيادە ئېغىر بولۇش يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، مەكتەپلەر تاپشۇرۇق باشقۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن گۇرۇپپىسى، يىللىقلار گۇرۇپپىسى تاپشۇرۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەشغۇلات ئومۇمىي مىقدارىنى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق كونترول قىلىشى كېرەك. تاپشۇرۇق لايىھەلەش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تاپشۇرۇقنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى، سەۋىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا، دەرس ئۆلچىمىدىكى تەلەپتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۈزتۇرا تەنقىدىي چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانىنى يېشىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئاتا-ئانىلاردىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ