مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ۋېنگرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.04.30 19:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئاپرېل ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆزئارا قوللاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ ۋاكسىنا جەھەتتە زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى نامايان قىلدى، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. جۇڭگو تەرەپ ۋاكسىنىنى دۇنيا ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىش ۋەدىسىنى قەتئىي ئادا قىلىدۇ، ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن داۋاملىق ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ۋېنگىرىيەنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان دوستلۇق سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو ۋېنگىرىيە بىلەن داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈريولى قاتارلىق مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم پىلان تۈزدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو ۋېنگىرىيە ۋە باشقا قاتناشقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئوربان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋېنگىرىيە بىلەن جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، بولۇپمۇ ۋاكسىنىدا زىچ ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇردى، جۇڭگو ۋېنگىرىيە تەرەپنى ۋاقتىدا قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، ۋېنگىرىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى، ۋېنگىرىيە تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئوڭۇشسىز ھالەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ۋېنگىرىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى، ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ياخشى سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ۋېنگىرىيە جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ