مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيېف بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.04.30 11:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئاپرېل ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيېف بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. بۇ يىل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. جۇڭگو يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ھەمكارلىق كۆلىمى، سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن «يېڭى ئۆزبېكىستان» يىرىك پىلانىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، يەرلىك، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، نامراتلارنى ئازايتىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك، مۇداپىئە ئىشلىرى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  مىرزىيېف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلدى. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، شۇنىڭدەك دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، دېگەن مۇھىم بايانلىرىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆزبېكىستان جۇڭگونى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ بىلىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ