مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى

ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك

2021.03.31 13:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ باتۇرلارچە كۈرەش قىلغان شانلىق تارىخى سىڭگەن، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسى ۋە تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇشتىكى جانلىق دەرسلىك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش-پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنى 30-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنىڭ زور ئەھمىيىتى، نىشان-ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي تەلىپى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى نامايان قىلىندى، بۇ-يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنىڭ ئىنقىلاب تارىخىغا گۇۋاھ بولۇش، ئىنقىلابىي روھنى نۇرلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ، قوغداش، باشقۇرۇش، قوللىنىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە جياڭشى، شەنشى، خۇنەن ئۆلكىلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش بۆلەك رايونلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ