مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2021.02.25 20:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 49-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 24-فېۋرال بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش پىلانى قاراپ چىقىلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى − سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رېئاللىشىش شەكلى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىكنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ، بۇ ھەم ئۇزاقتىن بۇيان سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى، ھەم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۆزى ئۆگىنىش، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش سۇپىسىغا ئايلىنىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك سۇپىسى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق مەزمۇنلارغا سىجىل مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باشقا نازارەتچىلىك شەكىللىرى بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك تەكلىپىنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، نازارەتچىلىك نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىش، ئەقىل كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى نازارەتچىلىكنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىك يېڭى ئەمەلىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2021-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان تۇنجى يىل، بۇ يىلقى ئىككى يىغىننى ياخشى ئېچىش − ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، پۇختا تەييارلىق قىلىپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئاكتىپ كۈچىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يىغىن ئىستىلىنى ئىزچىل ياخشىلاپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە جاڭ جىنخۇڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، 15-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى، لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلارنى يەتكۈزدى، چۈشەندۈردى ۋە دوكلات قىلدى.

  رەئىسلەر يىغىنى 2021-يىللىق 1-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، 360 گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جوۋ خۇڭيى تەكلىپكە بىنائەن «سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، قوغداشنى ياخشى ئىشلەش» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ